Jump to content

شوگۇن

ئورنى Wikipedia

شوگۇن\سانغۇن (ياپونچە: shōgun\将軍؛ ئوقۇلۇشى: /ˈʃoʊɡʌn/؛ تاۋۇشى: [ɕoːɡɯɴ]) رەسمىي ئاتىلىشى سېئى تائىشوگون (sei-i taishōgun\征夷大将軍 — ياۋنى بويسۇندۇرغۇچى بۈيۈك سانغۇن) بولۇپ، سامورايلىق ھاكىمىيەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپونىيەنىڭ فېئوداللىق دەۋرىدىكى بىر خىل ھەربىي ئىستىبداتلىق سىياسىي تۈزۈم. شوگۇننىڭ تۇرۇشلۇق جايى («شوگنات»، سىياگۇن يۈرۈشكە چىققان چاغدا تۇرىدىغان قارارگاھ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) دەپ ئاتالغان. شوگنات دەۋرىدە ئوردىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى پۈتۈنلەي شوگناتقا تەۋە بولۇپ، تېننو قورچاققا ئايلىنىپ قالغان. بۇ تۈزۈم 1192 - يىلى كاماكۇرا شوگونلوقى قۇرۇلغان چاغدىن باشلىنىپ، تاكى 1867 - يىلى ئىدۇ شوگونلۇقىدىن توكۇگاۋا ھوقۇقنى تېننوغا قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغانغا قەدەر داۋاملاشقان. ئىككىنچى يىلى مىلى يېڭىلىقى بولغان. بۇ جەرياندا كاماراكۇرا شوگۇنلۇقى (1192 — 1333)، مۇروماچى شوگۇنلۇقى(1338 — 1573) ۋە ئىدو شوگۇنلۇقى (1603 — 1867) بولۇپ ئۆتكەن.